جۇ شىڭچى

2017-3-3 14:04| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 3313| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: 2013- يىلى، ‹‹دەۋر ژورنىلى›› جۇ شىڭچىنى ‹‹ئاسىيادىكى قەھرىمان›› دەپ تەرىپلەپ، ‹‹ئەگەر جۇڭگودا چارلىز چاپلىن ب ...

2013- يىلى، ‹‹دەۋر ژورنىلى›› جۇ شىڭچىنى ‹‹ئاسىيادىكى قەھرىمان›› دەپ تەرىپلەپ، ‹‹ئەگەر جۇڭگودا چارلىز چاپلىن بار دېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇ دەل جۇ شىڭچىدۇر›› دىگەن يۇقىرى باھانى بەردى.
جۇڭگونىڭ داڭلىق كومىدىيە ئارتىسى، رېژىسسور، سىنارىست ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى سۈپىتىدە تونۇلغان جۇ شىڭچى (ئىنگلىزچە ئىسمى ‹‹ستېۋىن چوۋ››) 1962- يىلى 6- ئاينىڭ 22- كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. جۇ شىڭچى ۋە ئۇنىڭ تۆت قېرىندىشىنى تۇل قالغان ئانىسى بىر قوللۇق بېقىپ قاتارغا قوشقان. جۇ شىڭچى كىچىكىدىن تارتىپلا ناھايىتى ئاددى ھالەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى ئىپادىسىمۇ ئادەتتىكىچىلا بولۇپ، ئالاھىدە خاراكتېرىمۇ يوق ئىدى. ھەتتا كېيىن قۇرۇلۇشتا ئىشلەپ يۈرگەن چاغلىرىدا تۈزۈكمۇ پۇل تاپالمىغان. 
 

 
جۇ شىڭچى كىچىكىدىن تارتىپ لياڭ چاۋۋېي (شياڭگاڭنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى، كىنو-فىلىم ساھەسىدە ‹‹شياڭگاڭدىكى بەش يولۋاسنىڭ بىرى›› دەيدىغان نامى بار) بىلەن يېقىن دوسىت ئىدى. بۇ ئىككەيلەن بالىلىق چاغلىرىدا بىللە ئوينىغاچ ‹‹چولپانلىق چۈشى››نىڭ ھوزۇرىنى تەڭ سۈرەتتى. 1980- يىلى، جۇ شىڭچى تېلېۋزىيە ئىستانسسىنىڭ تەكلىپلىك ئارتىسى بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلىدى. 1982- يىلى، ئۇ ئارتىس بولۇشقا نىسبەتەن قىزىقىشى سۇسلاپ كەتكەن دوستى لياڭ چاۋۋېينى باشلاپ، سىمسىز تېلېۋىزىيەنىڭ 11- نۆۋەتلىك ئارتىس تەربىيەلەش سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىدۇ.
 

 
بۇچاغدا لياڭ چاۋۋېي ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، جۇ شىڭچى ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ كېيىن تىرىشىپ يۈرۈپ، كەچلىك سىنىپقا كىرىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر يىلدەك يۈگۈر-يىتىم ئىشلارنى قىلىدۇ. 1983- يىلى ‹‹430- نومۇرلۇق مۇكا›› ناملىق بىر بالىلار پىروگراممىسىغا رىياسەتچى بولۇپ، تۆت يىل موشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1987- يىلى ئۇ ‹‹ھاياتلىق سەپىرى››، ‹‹جاھانكەزدى›› ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالىدۇ. 1988- يىلى، رېژىسسور لى شيۇشيەننىڭ نەزىرىگە ئىلىنىدۇ ھەمدە كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى كىنوسى بولغان ‹‹چاقماقتەك زەربىدارلار›› دا، خېلى مۇھىم بولغان بىر ئەرنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن تەيۋەننىڭ  25- نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن ئات مۇكاپاتى››دىكى ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر يانداش ئەر رولچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
جۇ شىڭچىنىڭ رول ئېلىش داۋامىدىكى لوگىكىغا ئانچە چۈشۈپ كەتمەيدىغان، تاقا-تۇقا سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرى، ‹‹تاققا-تۇققا مەدەنىيىتى››گە يول ئېچىپ، شياڭگاڭ مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ رول ئالغان كىنولار بىلەت كىرىمى رىكورتى يارىتىشقا باشلىدى ھەمدە شياڭگاڭنىڭ كومىدىيىلىك كىنو ساھەسىگە يېڭى بىر چىقىش يولى كۆرسەتتى ۋە يېڭى بىر كولمىناتسىيە نۇقتىسىنى بەلگىلىدى.
 

 
جۇ شىڭچى شۇنىڭدىن باشلاپ بىر قاتار نادىر فىلىملەردە ئۆزگىچە ئوبرازلارنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپچىلىككە تونۇش ھەتتا ياد بولۇپ كەتكەن فىلىملىرىدىن ‹‹قىمار پىرى››، ‹‹ ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن غەربكە ساياھەت››، ‹‹ئالامەت ئاشپەز››، ‹‹شاتلىققا تولغان ئائىلە››، ‹‹تاڭ بوخۇ بىلەن دىيەن چيۇشياڭ››، ‹‹كىچىك مەنسەپدار››، ‹‹سوراقچى››، ‹‹ئەلىيۇلئەلا سۇچىخار››، ‹‹شياۋلىن پۇتبولى››، ‹‹گۇمپا›› قاتارلىقلار بار.
1996- يىلى، جۇ شىڭچى باش رول ئالغان ھەمدە رېژىسسورلىقىنى قىلغان ‹‹ئالامەت ئاشپەز›› ناملىق فىلىم، ‹‹ۋىنىست خەلقئارا كىنو فىسىتۋالى››دا كۆرەك فىلىم بولۇپ باھالاندى.
2001- يىلى، ئۇ ئىشلىگەن ‹‹شياۋلىن پۇتبولى›› ناملىق فىلىم 63 مىلىيونلۇق بىلەت كىرىمى رىكوردىنى ياراتتى.
 

 
2006- يىلى، ئۇنىڭ ‹‹گۇمپا›› ناملىق فىلىمى شىياڭگاڭ كىنوچىلىقىغا ئاتالغان 24- نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن پىل مۇكاپاتى››دا، 16 تۈر بويىچە نامى ئاتالدى ھەمدە ‹‹يىللىق ئەڭ نادىر كىنو مۇكاپاتى››نى قولغا كەلتۈردى. 2004- يىلى، ‹‹دەۋر
ژورنىلى›› بۇ فىلىمنى شۇ ‹‹يىللىق ئەڭ نادىر ئون كىنونىڭ بىرى›› دەپ باھالىغان ئىدى.
2013- يىلى، ئۇ سىنارىيەلەشتۈرگەن ھەمدە رېژىسسورلۇق قىلغان ‹‹غەربكە ساياھەت: شاگىرتلارنى بويسۇندۇرۇش›› ناملىق فىلىممۇ قالتىس ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ فىلىم جەمئىي 23 تۈرلۈك كىنوچىلىق رىكوردىنى بۇزدى ھەمدە يەر شارى مىقىياسىدا 218 مىلىيون دوللارلىق يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئىگە بولدى.
جۇ شىڭچى، 2014- يىلى يىل ئاخىرىغىچە ‹‹گۇمپا›› ناملىق كىنونىڭ ئۈچ د نۇسخىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرمەكچى.
جۇ شىڭچى ھازىر ‹‹سۇ پەرىسى›› ناملىق بىر فىلىمگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2016- يىلى پۈتتۈرۈش مۆلچەرلەنمەكتە.
جۇ شىڭچى ئىشلىگەن ۋە قاتناشقان فىلىملەر ئالتە قېتىم شياڭگاڭ كىنو بىلەت كىرىمى رىكوردىنى ياراتقان، سەككىز قېتىم يىللىق چىمىپىيون بولغان. ئۇنىڭ شىياڭگاڭدىكى كىنو بېلەت كىرىم رىكوردىنى ئەڭ كۆپ قېتىم ياراتقۇچى ھەمدە ئەڭ كۆپ يىللىق چىمپىيۇن بولغۇچى دىگەن شۆھرىتىنى تېخى ھازىرغىچە ھىچكىم تەۋرىتەلىگىنى يوق.
 
 

 
جۇ شىڭچىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى:
جۇ شىڭچى ‹‹كومىدىيە شاھى›› دەپ شۆھرەتلەنگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش سودىگىرىنىڭ ئەتىۋارلىق كەنجى قىزى ھېسابلىنىدىغان يۈ ۋىنفىڭ ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئارلاشقان ھەمدە ئۇنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سودا ساھەسىگە قەدەم باسقان. بۇ ئىككىسى 13 يىل سۆرىشىپ يۈرگەندىن كېيىن، 2010- يىلى 3- ئايدا ئايرىلىپ كەتكەن. 2012- يىلى، يۈ ۋىنفىڭ سوتقا ئەرز قىلىپ، جۇ شىڭچىدىن 70 مىلىيون تەلەپ قىلغان. ئۇ ‹‹جۇ شىڭچى مېنىڭ ياردىمىم ئارقىلىق سودا ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان ھەمدە غايەت زور پايدىغا ئېرىشكەن. بازار قىممىتى 800 مىلىيونغا ئەرزىيدىغان بىر تۈردىن ئەسلى مەن 80 مىلىيون پايدىغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى، لېكىن جۇ شىڭچى ماڭا 10 مىلىيون بىرىپلا قۇتۇلماقچى بولدى›› دىدى. 2012- يىلى 3- ئايدا، جۇ شىڭچى ئىپادە بىلدۈرۈپ: ‹‹ئۇ 10 مىلىيوننى مەن سوۋغات تەرىقىسىدە بەرگەن، يۈ ۋىنفىڭغا قەرز ئەمەسمەن›› دىگەن. شۇنىڭ بىلەن يۈ ۋىنفىڭ سوتقا رەسمىي ئەرز سۇنغان. لېكىن شياڭگاڭ ئالىي سوتى يۈ ۋىنفىڭنىڭ ئەرزىنى قوللىمىغان ھەمدە قايتۇرۋەتكەن.
جۇ شىڭچىنىڭ خەلقى-ئالەمگە ئاشكار بولغان قىز دوستى پەقەت يۈ ۋىنفىڭ؛ لېكىن بەزى كىشىلەر جۇ شىڭچى بىلەن لو خۇيجۈەن، جاڭ مىن، مو ۋىنچۇ قاتارلىق ئايال چولپانلارنىڭ كەينىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشىدۇ.

تور بەت ھەققىدە

سۇمۇرۇغ سۈزۈك فىلىم تورى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|★sumruh.net★苏木乳歌

Powered by Discuz! X3.4  © 2013-2017 Comsenz Inc.  ئۇسلۇپ ماسلاشتۇرغۇچى:سۇمۇرۇغ تورى

چوققىغا قايتىش