جېيسىن ستاتھىم

2017-3-3 13:57| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 2799| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: جانبازلىق فىلىم چولپىنى جېيسىن ستاتھىمجېيسىن ستاتھىم (Jason Statham)1967- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئ ...

جانبازلىق فىلىم چولپىنى جېيسىن ستاتھىم

جېيسىن ستاتھىم (Jason Statham)1967- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ناخشىچى بىلەن تىككۈچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى؛ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كېيىن قاراڭغۇ بازار تىجارىتسىگە ئايلاغان. جېيسىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان، لوندوندىكى ئوكىسفورد كوچىسىغا جايلاشقان ‹‹كوچا تىياتىرخانىسى››دا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ‹‹كوچا تىياتىرخانىسى›› ئەمەلىيەتتە قانۇنسىز سوا بىلەن شۇغۇللىناتتى.

جېيسىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان. 1990- يىلى، جېيسىن  ‹‹لوندون كىرىستال ئوردا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى››دە چېنىقىۋاتقان چاغدا، ۋاستىچىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەمدە كېيىن ئەنگلىيەدىكى مودا ماركىلارنىڭ مودىلى بولغان، ئېلانلارغا قاتناشقان.

جېيسىن ستاتھىم ئەنگلىيەنىڭ دۆلەتلىك سۇغا سەكرەش ئەترىتىدە 12 يىل تۇرغان، 1992- يىلى، ئۇ ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن ‹‹دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى››گە قاتنىشىپ، 12- بولغان.
1998- يىلى، ئەنگلىيىلىك رېژىسسور گاي رىچ جېيسىننى ‹‹ئىككى چىلىم›› فىلىمىدىكى باش رولچىلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان. 2000- يىلى، جېيسىن يەنە گاي رىچ بىلەن ھەمكارلىشىپ ‹‹بۇلاڭ-تالاڭ›› ناملىق كىنونى ئىشلىگەن. بۇ كىنو 80 مىلىيون دوللارلىق بىلەت كىرىمى ياراتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ جېيسىن ستاتھىم ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىگە قاتنىشىپ مۇھىم روللارنى ئوينىغان.
2002- يىلى، رېژىسسور ھەم سىنارىست لۇك بېيسىن مەخسۇس جېيسىنغا ئاتالغان ‹‹خەتەرلىك تېز يوللانما›› ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 2003- يىلى، جېيسىن ‹‹نەيرەڭۋازلىق›› ناملىق فىلىمدە ھەندسوم روبنىڭ رولىنى ئوينىغان.


جېيسىن شۇ يوسوندا ‹‹رېۋولۋېر››، ‹‹قەھىر –غەزەپ››،  ‹‹جانغا زامىن ماشىنا›› قاتارلىق كىنولاردا باش رولچى بولغان. 2008- يىلى، ئۇ سايلۋېستىر سىتاللون قاتارلىق داڭلىق كىنو  چولپانلىرى قاتناشقان ‹‹پىدائىيلار-1››دە رول ئالغان. 2012- يىلى ‹‹جاننى ئالقانغا ئېلىپ قوغلاش››، ‹‹مىخانىك ››، ‹‹پىدائىيلار-2›› قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئوينىغان. 2013- يىلى، ‹‹پارك››، ‹‹سۈرئەت ۋە قايناق ھىسسىيات-7›› قاتارلىق كىنولارغا قاتناشقان. 2014- يىلى، ‹‹ئائىلە مۇداپىئەسى››، ‹‹پىدائىيلار-3›› قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان.

2010- يىلى 4- ئايدا، جېيسىن ستاتھىم داڭلىق مودىل روسى خانتىڭتون بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.
2013- يىلى 8- ئايدا، ئەنگلىيىلىك مودىل كېللى بروك ئۆزىنىڭ جېيسىن بىلەن 7 يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.


جېيسىن ستاتھىم 1988- يىلى، كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە سۇغا سەكرەش تۈرى بويىچە مىس مىدالغا ئېرىشكەن؛
1992- يىلى، 12- نۆۋەتلىك دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 12- بولغان؛
2013- يىلى، ‹‹ھوللىۋودتىكى گۈزەل بەدەنلىك ئەر چولپانلار ›› قاتارىدا 1- ئورۇنغان تىزىلغان.


‹‹ئەرلەر ساغلاملىقى›› ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ جېيسىنغا بەرگەن باھاسى:


جېيسىن ستاتھىم 21- ئەسىردىكى ئەڭ نوچى جانبازلىق فىلىم چولپىنى، ئۇنىڭ ئوبرازى ئىكرانلاردىلا شۇنداق قاۋۇل ھەم قاملاشقان بولماستىن، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ ‹‹ساغلام ھەم گۈزەل بەدەن››نىڭ ۋەكىلى!
10

ئېسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۆچۈپ كەتتىم
1

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

ئىپادە بىلدۈرگەن دوستلىرى (11 نەپەر)

تور بەت ھەققىدە

سۇمۇرۇغ سۈزۈك فىلىم تورى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|★sumruh.net★苏木乳歌

Powered by Discuz! X3.4  © 2013-2017 Comsenz Inc.  ئۇسلۇپ ماسلاشتۇرغۇچى:سۇمۇرۇغ تورى

چوققىغا قايتىش